|
|
| |
| ياش ناخشىچى ـ زەينۇرە ئەركىننى تونۇمسىز ؟ |
| ياش ناخشىچى - زەينۇرە ئەركىن غەربىي شىمال مىللەتلەر ئىنىستىتوتىنى پۈتتۈرگەن بولۇپ ، ناخشا ئورۇنلاش ۋە مۇزىكا جەھەتتىكى ئالاھىدىلىگىنى جارى قىلدۇرۇپ كەلگەن ، يېتىلىۋاتقان سەنئەتچىلەرنىڭ بىرى . تالانتلىق ناخشىچى ، گېتتار شاھزادىسى ئەركىن ئابدۇللانىڭ <سەن يوق> ناملىق ئىجادىيىتىكى < ئەللەي ناخشىسى > نى ئاڭلىغان چېغىڭىزدا ، زەينۇرەنى ئېسىڭىزگە ئالماي تۇرالمايسىز ! ئۇنىڭ ئەركىن ئابدۇللا بىلەن ئورۇنلىغان - <ئەللەي ناخشىسى> ، <بىزنىڭ ئۆيدە مەشرەپ بار> ، <شەبنەم ناخشىسى> ... قاتارلىق ئاھاڭلىرى سىزنى مۇڭلۇق لىرىكىلار قوينىغا باشلايدۇ . زەينۇرە مەركىزى تېلىۋېزىيە ئىستانسىسى ۋە ئالىي مەكتەپلەر ئارا ئۆتكۈزۈلگەن ناخشا مۇسابىقىلىرىگە قاتنىشىپ ياخشى نەتىجىلەرگە ئېرىشكەن ۋە سەنئەت جەھەتتىكى ئالاھىدىلىگىنى نامايەن قىلغان . بۇ قېتىم شەبنەم تورى زەينۇرەنىڭ ئىجادىي ۋە ئەركىن ئابدۇللا بىلەن ئورۇنلىغان بىر قانچە ناخشىلىرىنى ئالاھىدە سەھىپە سۈپىتىدە تورداشلارغا سۇندى . |
|