 |
|
 |
 |
| باش بەت >> بىز كىم |
 |
|
| |
| شەبنەم تورى توغرىسىدا |
|
شەبنەم ئۇيغۇر تورى 2003-يىلى 12-ئايدا قۇرۇلغان بولۇپ ، ئۇچۇر ، ئەدەبىيات ، مۇنازىرە ، تەنتەربىيە ، توردىن ئىزدەشنى ئاساس ، ناخشا-مۇزىكا كۆڭۈل ئېچىش ، پاراڭ-سۆھبەتنى قوشۇمچە قىلغان ئونىۋېرىسال ئۇيغۇر تور بېكىتى .
شەبنەم ئۇيغۇر تورى قۇرۇلۇپ قىسقىغىنە ۋاقىت ئىچىدە ، كەڭ ئۇيغۇر قېرىنداشلارنىڭ ياقتۇرۇپ كۆرۈشىگە ۋە قىزىقىپ زىيارەت قىلىشىغا ئېرىشكەن بايراقدار تورلارنىڭ بىرى . شەبنەم تورى ئاساسىي زىيارەت قىلغۇچىلىرى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونىدىكى ھەر قايسى شەھەر-ناھىيەلەردە تۇرۇشلۇق تورغا چىققۇچىلار بولۇپ، چەتئەل ۋە ئىچكىرى ئۆلكىلەردىن زىيارەت قىلغۇچىلارنىڭ سانى ، ئومۇمىي زىيارەت سانىنىڭ %7 ىنى ئىگەللەيدۇ . شەبنەم تورى ئاساسلىق باش بەت ، مۇنبەر ، تور ئويۇنى ، تور تېلفۇنى ، ناخشا-مۇزىكا ، توردىن ئىزدەش ، چايخانا ، .ئېلان-ئۇچۇر ... قاتارلىق قاناللارنى چۆرىدىگەن ھالدا ئۇيغۇر قېرىنداشلار ئۈچۈن ئەتراپلىق مۇلازىمەت قىلىدۇ .
2005-يىلى ، شەبنەم تورى مۇنازىرە مۇنبىرى يولغا قويۇلغاندىن كېيىن ، شەبنەم تور تەرەققىياتىدا تېخىمۇ قولايلىق بولغان تور سورۇنى ھازىرلاندى . شەبنەم مۇنبىرىگە - دەۋر رېتىملىرى، ئۇيغۇر ئۆرپ-ئادەتلىرى ، تەنتەربىيە ، شەبنەم ئەدەبىياتى ، شەبنەم مەرىپەت گۈلزارى ، ئىقتىسادىي ئۇچۇرلار ، تۇرمۇش يېتەكچىسى ... قاتارلىق كۆپ تەرەپلىملىك سەھىپىلەر قوشۇلۇش ئارقىلىق ، شەبنەم تور تەرەققىياتىدا زور بۆسۈشلەر ۋە نەتىجىلەر بارلىققا كەلدى . شەبنەم ئۇيغۇر تورى بېيجىڭ خىزمەت تەتقىقات گۇرۇپپىسى ، ئەڭ ئىلغار تېخنىكا ، ئەڭ سۈپەتلىك لاھىيە ئىشلەش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ ، تورغا چىققۇچىلارنىڭ قىزىقىشى ۋە ئېھتىياجىنى ، ئۇيغۇر تورىدا كېرەكلىك ماتىرىياللارنىڭ ئىشلىتىلىشىنى بىرىنجى ئورۇنغا قويۇپ كەلدى . توختىماي ئىزدىنىش نەتىجىسىدە ، شەبنەم تورى - چوڭلار ، ئوتتۇرا ياشلىقلار شۇنداقلا ياش-ئۆسمۈرلەرمۇ قىزىقىپ كۆرىدىغان ، زىيارەت سانى ۋە ئەزالىرى بىر قەدەر كۆپ بولغان ئۇيغۇر تور بېكىتىگە ئايلاندى .
شەبنەم تورى - ئۇيغۇر تورىدىكى چوڭ مەيدان ، تەشۋىقات ۋە ئۇچۇر ئالاقىدىكى كۆۋرۈك ! سىز ۋە بىزنىڭ ئارزۇ-ئارمىنىمىز دەل شەبنەم تورىدا ئەمەلگە ئاشقۇسى ! ئىشىنىمىزكى ، شەبنەم ئۇيغۇر تورى خىزمەت تەتقىقات گۇرۇپپىسى بۇنىڭدىن كېيىنكى تەرەققىيات مۇساپىسىدە ئۇيغۇر قېرىنداشلارغا تېخىمۇ يېڭى ھەم نادىر بولغان ئەسەرلىرىنى سوۋغا قىلغۇسى !
|
|
|