xabnam.com  
ساقلىۋېلىڭ ئالاقىلىشىڭ باش بەت
 
قۇرغۇچىلار ·
زىـــيـــارەت ·
شەبنەم ناخشىسى ·
شان ـ شەرەپلـەر
شەبنەم قاناللىرى
ئەسەرلىرىمـىــز
قوللىغۇچـىــلار
ئېلان بـېــرىـــڭ
ھەمكارلىشـىــڭ

 

 

 

 

 

 

 
 
 
باش بەت >> ھەمكارلىشـىــڭ
 
ھەمكارلىق - دوستلۇقنى كۈچەيتكۈسى !
 
  شەبنەم ئۇيغۇر تورى قۇرۇلغان 4 يىل مابەينىدە ، نۇرغۇن قوللىغۇچىلار ۋە شەبنەم ھەۋەسكارلىرىنىڭ ياردىمىگە ئېرىشتى . شەبنەمنىڭ مەدەنىيەت - ساپا جەھەتتىن ئۆسۈپ يېتىلىشىگە ئەگىشىپ ، شەبنەم ئەزالىرى كۆپەيدى ۋە شەبنەم ئۈچۈن نەتىجە ياراتقۇچىلار مەيدانغا كەلدى . ئاز بولمىغان ئۇيغۇر تور بەتلىرى ۋە شېركەت-شەخىسلەر شەبنەمنى تەۋسىيە قىلدى ۋە دوستانە ئۇلىنىش قىلدى . بۇ جەرياندا شەبنەم ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىپ ، ئۇيغۇر تور بەتچىلىكىدە كەم بولغان بوشلۇقلارنى تولدۇرۇش ئۈچۈن توختىماي ئىزدەندى ۋە ئىزدىنىۋاتىدۇ .
  كەسكىن رىقابەت ، دوستانە ئىلگىرلەش ، ئۇچقاندەك تەرەققىيات مۇساپىسىدە شەبنەم تورى يەنىلا سىزنىڭ ۋە ئەتراپىڭىزدىكى ھەربىر تور ئابونتىىنىڭ قوللىشىدىن ئايرىلالمايدۇ . شەبنەم يېڭىلىققا ، يۇقىرى تېخنىكىغا ، ئۈزلۈكسىز تەرەققىيات ۋە يۈكسىلىشقا مۇھتاج . شۇنداق بولغانىكەن ، قولىڭىزنى شەبنەمگە بېرىڭ ! كۆپنىڭ كۈچى كۆپنى يېڭەر !
 
::: مەبلەغ سېلىڭ !
  شەبنەم تورى ھەر قايسى ئىدارە - ئورگان ، كارخانا ، شېركەت - شەخىسلەرنىڭ مەبلەغ سېلىشىنى قىزغىن قارشى ئالىدۇ ! شەبنەم تورى ئۆز رولى ئارقىلىق مەبلەغ سالغۇچى شېركەت - شەخىسلەرنىڭ تەشۋىقاتى ۋە تور - ئالاقە ئىشلىرىغا يار-يۆلەكتە بولىدۇ ۋە ھەمكارلىق توختامى ئارقىلىق ھەمكارلىقنى ۋۇجۇدقا چىقىرىدۇ . ئىقتىساد ۋە ماددىي جەھەتتىن مەبلەغ سالغۇچىلار تىجارىتىنىڭ شەبنەمدىن ئىبارەت چوڭ ئائىلىدە تېخىمۇ روناق تېپىشىغا ئىشىنىمىز !
 
 
::: تېخنىكا جەھەتتىن قوللاڭ !
  شەبنەم تورى ئۆزىدىكى مۇكەممەل ئىقتىدارلارنى تېخىمۇ كۆچەيتىشكە مۇھتاج ! ھەر قايسى ئۇيغۇر تور بەتچىلەرىنىڭ شەبنەم تورىنى تېخنىكا جەھەتتىن قوللىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمىز ! php تور سېستىمىسى ئىنژىنىرلىرىنىڭ شەبنەمگە ئەزا بولۇشىنى ، شەبنەمنى تەڭ تەرەققىىي قىلدۇرۇشقا كۈچ چىقىرىشىنى ئۈمىد قىلىمىز !
 
 
::: ئۇچۇر بىلەن تەمىنلەڭ !
  ھەرخىل دەۋىر رېتىملىرى ، يېڭىلىق ، مەدەنىيەت ئۇچۇرى ، ئۇيغۇرچە پىلاستىنكا ، خەۋەر ، سۈرەت ۋە فىلىم قاتارلىقلار بىلەن تەمىن ئەتكۈچىلەرنىڭ ، شەبنەم مۇنازىرە مۇنبىرىدىن پايدىلىنىپ يېڭىلىق ئۇچۇرلىرىنى ئېلان قىلىشىنى قىزغىن تەۋسىيە قىلىمىز !
 

 

 

  Copyright © 2003 - 2013 Beijing XABNAM.com All Rights Reserved